شوپۇر (ئىككى نەپەر)
يوللانغان ۋاقتى: 2018.05.12| | ساقلىۋېلىش| پاش قىلىش
شىنجاڭ ئالخۇمار مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى
يۈز تۇرانە
2018.05.12

ئىككى نەپەر شوپۇر قوبۇل قىلىمىز
تەلەپ : ۋاقىت كۆز قارىشى يۇقىرى ، چىدامچان ، كوللىكتىپچانلىقى يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

  • ئۇقۇش تارىخى:تۇلۇق ئوتتۇرا
    خىزمەت تەجرىبىسى:ئىككى يىللىق
    خىزمەت ئورنى:ئۈرۈمچى شەھرى
    ئالاقىلاشقۇچى:شىنجاڭ ئالخۇمار مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى
    elhumar@126.com : ئېلخەت
    ئۈندىدار:
  • ئالاقىلىشىڭ 0991-5167110

شىنجاڭ ئالخۇمار مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى
خادىم سانى :50-100 ئادەم

خەلقنى ئويلىغان، ئىزدىنىش، تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش، گۈزەللىكنى تەشۋىق قىلىشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى قىلغان، خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن دادىل ئىزدىنىپ ،ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، مۇشۇ ساھەدە يېڭى بىر سەھىپە ئاچقان، ئاۋامنىڭ ئارزۇسى، گۈزەللىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى يەنە بىر يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن شىنجاڭ ئۈمىد كۈندىلىك يۇيۇش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى2008- يىلى4- ئايدا ئۈرۈمچىدە قەد كۆتۈردى.
شىركىتىمىز ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان دىيارىمىزدىكى زامانىۋىلاشقان مىللىي كارخانا ھېساپلىنىدۇ. شىركىتىمىز تۇنجى بولۇپ قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن كىر يۇيۇش پاراشوكى ئىشلەپ چىقارغان بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە تەجرىبىلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلى بىھۇدە زىيانلاردىن خالى بولالمىدى. دېگەن ئاچچىق ساۋاققا ئىگە بولغان شىركىتىمىز رەھبەرلىرى، ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى دەل ۋاقتىدا بايقاپ ئىچكىرىكى ئۆلكىلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ تېخنىكا ئىگەللىدى. شۇنىڭ بىلەن شىركەتتە تېخنىك خادىم بولماسلىقتەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىپ، ئۆزى مۇستەقىل تەتقىقات ئېلىپ بارالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى. > دېگەندەك كۆپلىگەن ئوڭۇشسىزلىق، مەغلۇبىيەتلەر ئارقىلىق مەھسۇلاتلاردىكى قىسمەن يېتەرسىزلىكلەر تۈپتىن ھەل بولۇپ، ئاۋام رازى بولىدىغان مەھسۇلاتقا ئايلاندى. بۇنىڭدىن ئىلھاملانغان شىركەت رەھبەرلىرى كەسپى ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ يېڭى تۈرلەرنى ئېچىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. سۈپەت ئارقىلىق يۈكسىلىش شوئارى ئاستىدا، مەھسۇلات سۈپىتىگە ئەڭ يۇقىرى تەلەپ قويدى. «ئىززەت قىلساڭ ئىززەت كۆرەرسەن »دېگەندەك شىركىتىمىز ئشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلىرىدا ئاۋامنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋىدى ئاۋام خەلق شىركىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلېرىنى ئالقىشلىدى، شۇنداقلا شىركىتىمىزنىڭ يۈكسىلىشىگە، تەرەققىي قىلىشىغا ئىلھام مەدەت بەردى .
مانا بۇ سەككىز يىل جەريانىدا شېركىتىمىز يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، تەرەققىي قىلىپ دىيارىمىزدىكى كۈندىن-كۈنگە زورىيىۋاتقان ئۇيغۇر كارخانىچىلىقى ساھەسىدە بىر كىشىلىك نوپوزىنى ۋە ئوبرازىنى تىكلىدى. ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىمۇ يۇيۇش بۇيۇملىرى ساھەسىدە بولۇپمۇ، چاچ يۇيۇش ۋە ئاسراش مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدە يۈكسەك ئورۇن تۇتۇپ، ئاۋام ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان بازارلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندى. مەھسۇلات تۈرلىرى چوڭ جەھەتتىن چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقى، بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلىقى، چىش پاستىسى، چاچ مېيى، چاچ مەلھىمى، قول يۇيۇش ئەتىرى، چاچ بويىقى ۋە بالىلار مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق توققۇز چوڭ تۈرگە، كىچىك جەھەتتىن مەھسۇلاتلار 70خىلغا كۆپىيىپ، بازاردا مەلۇم كۆلەم ۋە سۈپەتنى ھاسىل قىلدى.
شىركەت ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش مەقسىتىدە 2011- يىلى يېڭىدىن 2000 كىۋادرات مېتىرلىق زاۋۇت ئورنى تەسىس قىلىپ، ئەڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆزى مۇستەقىل مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىپلا قالماستىن باشقا كىچىك تىپتىكى مىللىي كارخانىلارغىمۇ ۋاكالىتەن مەھسۇلات ئىشلەپ بېرىپ، دىيارىمىزدا مۇشۇ ساھەدە ۋاكالىتەن مەھسۇلات ئىشلەپ بېرەلەيدىغان باشلامچى مىللىي كارخانا بولماسلىقتەك ئەھۋالغا خاتىمە بەردى. مەھسۇلات ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ مەھسۇلات ئىشلىتىش جەريانىدىكى بىھۇدە سەرپ بولىدىغان چىقىملىرىنى ۋە ۋاقتىنى زور دەرىجىدە تېجەپ ئۇلارنىڭ كۆپتىن –كۆپ تەشەككۈرىگە ھەمدە ئېتىراپ قىلىشىغا نائىل بولدى.
شىركىتىمىز ئىزچىل يېڭىلىق يارىتىپ، سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىشلەپ چىقارغان ماركىسىدىكى مەھسۇلاتلىرى كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، دىيارىمىزدىكى چاچ يۇيۇش، چاچ ئاسراش ۋە كۈندىلىك يۇيۇش بۇيۇملىرى ساھەسىنىڭ سەركىسىگە ئايلاندى. 2014 – يىلى > ماركىسى ئۈرۈمچىنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى بولۇپ باھالاندى .
كارخانىچى بولغان كىشى چوقۇم ئۆزىنىڭ ھازىرقىسى ۋە كەلگۈسىنى كۆرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك، بۇنىڭدىن كېيىن ئەنئەنىۋىي سودىنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئېلېكتىرونلۇق سودىغا قاراپ ماڭىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان مۇھەممەد قاسىم روزى ئەپەندىم 2015-يىلى شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكتىرونلۇق سودا كاپىدىراسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېلېكتىرونلۇق سودا–پەنلەر دوكتىرى ئابدۇراھمان ئابدۇغېنى ئەپەندىم بىلەن بىرلىشىپ 10مىليون يۈەن مەبلەغ بىلەن شىنجاڭ بايرام ئېلېكتىرون سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىگە ئاساس سالدى .
2015- يىلى 9-ئايدا ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى ئايرىپ باشقۇرۇش، ئايرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستېراتىگىيىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، 2015-يىلى 12-ئايدا 30مىليۇن يۈەن مەبلەغ بىلەن مەخسۇس سېتىش، سېتىشتا يېڭىلىق يارىتىش، يېڭى تۈرلەرنى ئېچىش ۋە مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلغان شىنجاڭ ئەلخۇمار مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنى رەسمىي قۇرۇپ چىقتى.
- ئەلنى ئۆزىگە خۇمار قىلىش، مەھلىيا قىلىش دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە، بىز بۇ مەنالارنى ئۆزىمىزنىڭ خىزمەت نىشانىمىز قىلىپ، ئەلگە يارايدىغان، ئەلنى قايىل قىلىدىغان سۈپەتلىك، ئىشەنچلىك مەھسۇلاتلارنى ئەلنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمىز .
شىركىتىمىز ئىختىساسلىق خادىملارنى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، جەمئىيەتتە ئىش كۈتۈپ تۇرغان، مەسئۇلىيەتچان، يېڭىلىق يارىتىش، ئىلگىرىلەش روھىغا ئىگە ياشلارنى شىركىتىمىزگە قوبۇل قىلىپ، شىركىتىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس ھازىرلىدى، مالىيە بۆلۈمى، ئېلان-تەشۋىقات بۆلۈمى، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەرنى تەسىس قىلىپ، شىركىتىمىز تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى.
2016-يىلى ھازىرقى ئېھتىياجنى قامدىيالمايۋاتقان ئەھۋالنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئۈرۈمچى-سانجى يۇقىرى تەرەققىيات رايونىدىن ئورۇن سېتىۋېلىپ زامانىۋىلاشقان، دۆلەتنىڭ GMPتازىلىق ئۆلچىمىگە يەتكەن، كۈنىگە 30000-50000قۇتىغىچە چاچ يۇيۇش، چاچ ئاسراش ۋە ھەرخىل يۇيۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرالايدىغان ئەلخۇمار يۇيۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتىنى ئىشقا كىرىشتۈرمەكچى .
شىركىتىمىز كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىدا، كۆلەملەشكەن كارخانا ئىگىلىك تۈزۈلمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى ئەتراپىمىزغا تېخىمۇ كۆپ ئۇيۇشتۇرۇپ، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ئىلمىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پەن- تېخنىكا بايلىقىدىن ئورتاق پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. سۈپەت ۋە تېخنىكىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، شىركەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە مەھسۇلات ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بازار دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭ بازىرىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئىچكىرىكى ئۆلكىلەرگە، دۇنياغا يۈزلەندۈرىمىز. «ئەلخۇمار» ماركىسىنى رايونىمىزنىڭلا ئەمەس، جۇڭگونىڭ، دۇنيانىڭ داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆز تۆھپىمىزنى قوشىمىز.

شوپۇر


ئۇچۇر تورىنى يانفوندا كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ يانفون ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۋىلىڭ
مۇناسىۋەتلىك رايون: ئۈرۈمچى شەھىرى >> تەڭرىتاغ رايونى