سىرتتىن خەۋەر تەرجىمانى قوبۇل قىلىمىز (ھەقلىق)

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: خەۋەر تەرجىمە قىلماقچى بولغانلار ئالدى بىلەن بۇنى تولۇق ئوقۇپ چىقىڭ، ئۆزىڭىز قىلالايدىغان تۈرنى تاللاڭ، مەسئۇل خادىم بىلەن ئالاقىلەشكەندە تاللىغان قانىلىڭىز ۋە ئىسىم-فامىلىڭىزنى ئېنىق، دەڭ. ئەڭ ياخشىسى سىز ئۆزىڭىزنى ياخشى دەڭسىگەندىن كېيىن، ئاندىن مەسئۇل خادىم بىلەن ئالاقىلىشىڭ

تور بىكىتىمىزنىڭ مەزمونلىرىنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىش مەقسىتىدە شىركىتىمىز سىرتتىن 70 نەپەر تەرجىمان قوبۇل قىلىدۇ. سىرىتتىن خەۋەر تەرجىمە قىلىش ۋاقىت ۋە ئورۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان بولۇپ، سىز بوش ۋاقىتلىرىڭىز پايدىلىنىپ، توردىن خەۋەر تەرجىمە قىلىپ بىزگە يوللاپ بەرسىڭىز سىستىما ئاپتۇماتىك پۇل ھىسابلاپ،كىرىمىڭىز 200 يۈەنگە توشقاندا شىركىتىمىز تور بانكا ئارقىلىق ھەر ئاينىڭ 15-چېسلا پۇل تۆلەيدۇ. (قىلغان كىرىمىڭىز 200 يۈەنگە توشمىسا شۇ ئاي پۇل ئېلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايسىز).بىر پارچە خەۋەر يوللىڭىسز ئەڭ تۈۋەن بولغاندا 2 يۈەن،ئەڭ كۆپ بولغاندا 5 يۈەن پۇل تاپالايسىز.5 يۈەنلىك خەۋەردىن كۈندە ئالتىنى تەرجىمە قىلسىڭىز ئايدا 900 يۈەن كىرىم قىلالايسىز.  بۇنداق كىرىم ئەلۋەتتە، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىرادىلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇرغۇن قېيىنلىچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، جاپاكەش ئاتا-ئانسىىنىڭ يۈكىنى خېلىلىلا يەڭگىللىتەلەيدۇ. جەمئىيىتىمىزدىكى ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغان ھەر ساھە كىشىلىرى ئەگەر تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولسا، تېزدىن تىزىملاتسا بولىدۇ، سان چەكلىك!  تېزدىن تىزىملىتىڭ!
بىرىنچى، تەرجىمانلارغا بولغان كونكىرت تەلەپ تۆۋەندىكىچە:
1.خەۋەر تەرجىمە قىلماقچى بولغانلار ھەر كۈنى دىگۈدەك تورغا چىقالىشى كېرەك. تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بولمىغان، تور خانىلاردىن تورغا چىقىدىغانلارغا بۇ خىزمەت ماس كەلمەيدۇ.
2.خەۋەر تەرجىمە قىلماقچى بولغانلار جەزمەن ئانا تىلغا پىششىق بولغاندىن باشقا خەنزۇچە (باشقا تىللار بولسىمۇ بولىدۇ) تىلىغا پىششىق بولۇشى، تەرجىمىنى ئۆلچەملىك، لوگىكا ۋە ئانا تىل ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇپ قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك.
3.خەۋەر تەرجىمە قىلماقچى بولغانلارنىڭ ئىملاسى ئالاھىدە ياخشى بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيادىكى يەر-جايلارنىڭ ناملىرى، سىياسىي ئەربابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داڭلىق كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى توغرا تەرجىمە قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. تاماشا قانىلىغا خەۋەر يوللايدىغانلار چەتئەللىك چولپانلارنىڭ ئىسىملىرى ئەسلى تىلدىكى بويىچە ئېلىشى، تەنتەربىيە قانلىغا خەۋەر يوللايدىغان دۇنيادىكى ھەرقايسى كۇلۇب ۋە چولپانلارنىڭ نامىنى توغرا ئېلىشى كېرەك.
4.خەۋەر تەرجىمە قىلماقچى بولغانلار جەزمەن كۈنىگە ئۆزى خەۋەر يوللايدىغان قانالغا ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى پارچە خەۋەر يوللىشى كېرەك. بۇ سىزدىن ئەستائىدىللىقنى ۋە سىجىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولغاچقا، بىز سىزنىڭ باشتىن ئاخىر سەمىمىي بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
5.ھەر بىر پارچە خەۋەرگە بېرىلىدىغان پۇل 2 يۈەندىن 5 يۈەنگىچە قىلىپ بېكىتىلگەن، سىسىتېمىنىڭ ھەق ھېسابلاش ئۆلچىمى «سۈپەت + ھەجىم + ئىملا + جەلىپ قىلىش دەرىجىسى = كىرىم » بولۇپ، خەۋەر تەرجىمە قىلغۇچىلارنىڭ مۇشۇ تۆت تۆرەپكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ
ئىككىنچى، تەرجىمان قۇبۇل قىلىدىغان قاناللار ۋە كونكىرت تۈرلەر تۆۋەندىكىچە:
1.خەلقئارا خەۋەرلەر قانىلى  (国际新闻频道)غا 10 نەپەر ئادەم قۇبۇل قىلىنىدۇ.
تەلەپ : ئەڭ يېڭى خەلقئارا خەۋەرلەرنى بىرىنچى ۋاقىتتا تەرجىمە قىلىپ يوللىيالايدىغان بولۇشى ،خەلقئارا ئىقىم مەسىللىرى ،دۇنيا ۋەزىيىتى،سىياسى مەشھور شەخىسلەرگە بەلگىلىك دەرىجىدە تونۇشى، چۈشەنچىسى بۇلۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
 
2. جەمىئەت خەۋەرلىرى قانىلى   (社会新闻频道) غا 10 نەپەر ئادەم قۇبۇل قىلىنىدۇ.
تەلەپ : جەمئىيەتتە يۈز بەرگەن تۈرلۈك-تۈمەن خىل ، ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنى زىلزىلىگە سالغان دېلو-ۋەقەلەرنى بىرىنچى ۋاقىتتا تەرجىمە قىلىپ يوللىيالايدىغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
3.تاماشا كۆڭۈل ئىچىش خەۋەرلىرى قانىلى   (娱乐新闻频道)غا 10 نەپەر ئادەم قۇبۇل قىلىنىدۇ.
تەلەپ : بۇ قانالغا خەۋەر يوللايدىغانلار چەتئەل، دۆلەت ئىچىدىكى تاماشاغا ئائىت ھەرخىل خەۋەرلەرنى جايىدا تەرجىمە قىلىپ يوللىيالىشى، دۇنياۋى داڭلىق چولپانلارغا ۋە ئۆز چولپانلىرىمىزغا ئائىت ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى ئىز قوغلاپ تۇرۇپ يوللىيالايدىغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. 
4.تەنتەربىيە قانىلى    (体育新闻频道)غا 10 نەپەر ئادەم قوبۇل قىلىنىدۇ.
تەلەپ : بۇ قانالغا خەۋەر يوللىماقچى بولغانلار مۇنداق ئۈچ كىچىك تارماق بويىچە قوبۇل قىلىنىدۇ:
(1) پۇتبولغا ئائىت خەۋەر يوللايدىغان 4 نەپەر تەرجىمان قوبۇل قىلىنىدۇ، تەلەپ ئۆزى پۇتبولغا ئوتتەك قىزىقىشى، دۇنيادىكى ھەرقايسى كۇلۇب ۋە داڭلىق توپچىلارغا نىسبەتەن چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولۇشى، پۇتبول دۇنياسىدا قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان خەۋەرلەرنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە يوللىيالايدىغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
(2)ۋاسكېتبولغا ئائىت خەۋەر يوللايدىغان 3 نەپەر تەرجىمان قوبۇل قىلىنىدۇ. تەلەپ، ئۆزى ۋاسكېتبولغا  ئوتتەك قىزىقىشى، دۇنيا ۋاسكېتبول مۇنبىرىدە ئەڭ قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان خەۋەرلەرنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە يوللىيالايدىغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
(3)تەنتەربىيىنىڭ باشقا تۈرلىرىگە خەۋەر يوللايدىغان 3 نەپەر تەرجىمان قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ تۈرگە خەۋەر يوللايدىغانلار ئالدىنقى ئىككى تۈردىن باشقا خالىغان تەنتەربىيە تۈرىگە ئائىت خەۋەرلەرنى يوللىسا بولىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە تىك تاك توپ، شاھمات، دارۋاز دېگەندەك نۇرغۇن تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
5.ئىقتىساد قانىلى  (财经新闻频道)غا 10 نەپەر ئادەم قوبۇل قىلىنىدۇ.
تەلەپ : بۇ قانالغا خەۋەر يوللىماقچى بولغانلار مۇشۇ كەسىپنىڭ ئەسلى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيا ئىقتىسادى، جۈملىدىن نېفىت، ئالتۇن، پاي چېكى ۋە ئاكسىيە، مال ۋە ئۆي باھاسى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك چۈشەنچىسى بار كىشىلەر بولسىمۇ بولىدۇ، ئەڭ مۇھىم تەلەپ شۇكى، سانلىق مەلۇمات ۋە ستاتىستىكا قاتارلىقلارنىڭ توغرا بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
6. IT خەۋەرلىرى قانىلى (IT新闻频道) قانىلىغا 10 نەپەر ئادەم قوبۇل قىلىنىدۇ.
تەلەپ : بۇ قانالغا خەۋەر يوللىماقچى بولغانلار جەزمەن IT ساھەسىنى چۈشىنىدىغان، بۇ ساھەنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، كېيىنكى تەرەققىيات نىشانى قاتارلىق ساھەلەردە بەلگىلىك تونۇشقا ئىگە بولغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ ساھەگە خەۋەر يوللايدىغان ئەڭ قىزىق نۇقتا خەۋەرلەرنى تاللاش تەرجىمە قىلىشى، ھەممە ئادەم بىلىدىغان كىچىك كومپيۇتېر ساۋاتلىرىنى خەۋەر دەپ يوللىماستىن، بەلكى دۇنيا IT ساھەسىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان خەۋەرلەرنى دەل ۋاقتىدا تەرجىمە قىلىپ يوللىيالايدىغان بولۇشى كېرەك.

ئەسكەرتىش : يۇقىرىقى سەھىپىلەرنىڭ پەقەت بىر ياكى ئىككى تۈرىگە تىزىملىتالايسىز.ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان،چۈشىنىدىغان سەھىپىنى،تەرجىمىھالىڭىزنى مەسئۇل خادىمغا كىيۇ كىيۇ دا ئېنىق ئۇقتۇرۇڭ. 
ئالاقىلەشكۈچى مەسئۇل خادىم كىيۇ كىيۇ نومۇرى :1409264427
پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس، بەلكى تېرىشقانلارغا مەنسۇپ! سان چەكلىك!  تېزدىن تىزىملىتىڭ!

ئالاقىلاشقۇچى: نۇر تورى تېلىفون : 0991-6032022
  • ئالاقىلەشكەندە قارشى تەرەپكە مەركۇز ئۇچۇرنى شىنجاڭ ئۇچۇر تورىدا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ
    مۇناسىۋەتلىك رايون: ئۈرۈمچى >> ئۈرۈمچى شەھىرى ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2011-07-27 16:32:05
    مەزكۇر ئۇچۇرنى تەستىقلىغۇچى : سايرانە تەستىقلانغان ۋاقىتى: 2012-01-30 12:14
    1. ناۋايلىقتىن خىزمەت ئىزدەيمەن
    2. دورىگەرلىكتىن خىزمەت ئىزدەيمەن
    3. خەت ئۇرىدىغان، بەت ياسايدىغان خادىم قوبۇل قىلىمىز.
    4. شىمالى شەھەر ئەتراپى يولوچىلار توشۇش قاتناش بېكەت ئېچ
    5. 13899033110بۇ نۇمۇر تېزدىن سېتىلىدۇ.
    6. ئۆي ئىجارە بىرىش ئىلانى (ۋاستىچى ئەمەس)
    7. SawdaYi.Net تور بېكىتى ئەرزان باھادا سېتىلىدۇ
    8. ياخشى تور نامى سېتىلىدۇ (پۇرسەت )
    9. 2009-يىلى 10-ئاينىڭ كۈمۈش رەڭ ‹‹«شۆتېلوڭ ئەيلىشې ' جىددى
    10. 2008-يىلنىڭ "سەنلىڭ' ماشىنىسى سېتىلىدۇ
    11. ماشىنا بىلەن مال تىگشىشنى خالايدىغانلار مەن بىلەن ئال
    12. 2009-يىلنىڭ "شىيەندەي ئېلانتىرا' ماشىنىسى سېتىلىدۇ
    新ICP备09005120号| 客服电话:0991-2886311